باش بەت

نۇسرەتگۈل

6505يوللانما
55مەستانە

بەدىنى كىچىك قىزلارنىڭكىدەك ئەۋرىشىم 98 ياشلىق يوگا ئۇستىسى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 13:07 0 ئىنكاس چۈشتى

«مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق». 98 ياشلىق تاۋپورچون لىنچ (TaoPorchon-Lynch) ھىندىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، ھازىر نيۇيوركتا تۇرىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ يوگا ئۇستىسى. ئۆتكەن 75 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا، بەدەن شەكلى ئالاھىدە گۈزەل بولغان لىنچ ھەر كۈنى سەھەر سائەت 5 تە تۇرۇپ يوگا مەشىق قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ بەدىنى تا ھازىرغىچە كىچىك قىزلارنىڭكىدەك يۇمران ھالىتىنى ساقلىغان.

لىنچنىڭ يەنە بىر قىزىقىشى ئۇسسۇل ئويناش بولۇپ، ئۇ بەدەننىلا ياش ساقلىماي، قەلبنىمۇ ياش ھالەتتە ساقلاش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە: «ھاياتلىقتىكى خۇشاللىقنىڭ قەلبتىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ياشاش كېرەك» دېگەن.

لىنچ ئىلگىرى يانپاش بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، 2011-يىلى بېغىش سۆڭىكى چېقىلىپ كەتكەن. ئۇ كۆپرەك سەي-كۆكتات ۋە خام مېۋە-چېۋە يېيىشنى ئاساسلىق ئوزۇقلىنىش قائىدىسى قىلىۋالغان بولۇپ، ئاندا-ساندا راك يەپ، ھاراق ئىچىپ قويىدۇ. 

لىنچ زىيارەتنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

لىنچ يوگا مەشىق قىلىۋاتىدۇ.

لىنچ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يوگا مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

لىنچ ياش ۋاقىتلىرىدا ئارتىسلىق ۋە مودېللىق بىلەن شۇغۇللانغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号