باش بەت

ئادىلجان

6870يوللانما
70مەستانە

ئامېرىكا سامسۇڭ ۋە LGنىڭ جۇڭگودا ئىشلەنگەن كىرئالغۇلىرىدىن زور باج ئالىدۇ

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 13:28 0 ئىنكاس چۈشتى

technode تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا سودا كومىتېتى سامسۇڭ، LG قاتارلىق خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ جۇڭگودا ئىشلەپچىقارغان كىرئالغۇلىرىدىن يۇقىرى سوممىدا باج يىغىشنى قارار قىلدى. ئۇلار بۇ تۆۋەن باھالىق ئىمپورت مەھسۇلاتلارنىڭ تۆكمە قىلىىپ سېتىلغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا سانائىتىگە زور زىيان پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قارار بىلەن بۇ تاۋارلاردىن ئېلىنىدىغان باج نىسبىتى %52كە يېتىشى مۇمكىن. 

ئىلگىرى سامسۇڭ بىلەن LG ئامېرىكىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سانائىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالدى دەپ ئەرز قىلىنغان، بۇ ئەرزنى ئامېرىكىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ماگناتى Whirlpool ئامېرىكا خەلقئارا سودا كومىتېتىغا يوللىغان. 

Whirlpoolنىڭ ئېيتىشىچە سامسۇڭ بىلەن LG ئامېرىكا بازىرىدا ساتقان كىرئالغۇنى جۇڭگو ياسىغان بولۇپ، بازارنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ مەھسۇلاتلار زىيىنىغا سېتىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كەسپىگە زور زىيان سالغان. Whirlpool باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ئايدا سامسۇڭ بىلەن LG ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئامېرىكا بازىرىدا كىرئالغۇ تۆكمە قىلىپ ساتقان دەپ بېكىتىلدى، بۈگۈنكى خەلقئارا سودا كومىتېتىنىڭ قارارى دەل ئالدىنقى ئايدىكى جەرىمانە قارارىنى قوللىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سامسۇڭ بىلەن LG چوقۇم سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش جەرىمانىسى تۆلىشى كېرەك.»

Whirlpool گۇرۇھىنىڭ مۆلچەرىچە سامسۇڭ %52لىك باج تۆلىمىسە بولمايدىكەن، LG بولسا تەخمىنەن %32لىك باج تۆلەيدىكەن. 

خەلقئارا سودا كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارە قىلمىدى، ئەمما بۇ ئورۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە بىر تۈرلۈك بايانات ئېلان قىلىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号