• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    70-يىللاردىكى تەبىئىي چىراي كورېيە خانقىزلىرى

    مەنبە : toutiao.comتەھرىر : زۇبەيدە ئىنكاس : 18يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 13:36

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    كورېيەلىكلەرنى ھۆسن تۈزەشنى خۇددى نورمال ئىشتەك ھېس قىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ، ھەر تۈرلۈك ساھىبجامال تاللاش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلىرى كۆپ ھاللاردا ھۆسن تۈزەتكەن سۈنئىي چىرايلار بولىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى گۈزەللەرنى تاللاش پائالىيىتىدە، ھەر بىر مۇكاپاتقان ئېرىشكۈچى ھەقىقىي تەبىئىي گۈزەل قىزلار ئىدى، بۇنداق ساھىبجاماللارنى ھەممەيلەن ئېتراپ قىلىدۇ. سۈرەتتىكىسى 1972-يىلدىكى كورېيە خانقىزى.

    كورېيەدە  ھۆسن تۈزەش كەسپى 60-يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغان، 80-يىللارغا كەلگەندە ئادەتتىكى خەلىق ئاممىسى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر كورېيە جامائەتچىلىكى ھۆسن تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئېتراپ قىلدى.

    كورېيە خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسى 1955-يىلدىن باشلانغان، ئەينى چاغدا تاللانغان ماھىرلارنىڭ چىرايىغا قاراپلا قالماي يەنە ئەخلاق-پەزىلىتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ساپاسىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلەتتى، شۇڭا ئەينى چاغدا كورېيە خانقىزى شەرىپىگە ئېرىشىش ناھايىتى تەس ئىش ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ باھالاش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

    ھازىر كورېيە خانقىزىنىڭ ھەممىسى ھۆسن تۈزەتكەن، شۇڭا 70-يىللاردىكى كورېيە خانقىزىنى تاللاش سەۋىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. سۈرەتتىكىسى 1975-يىلدىكى كورېيە خانقىزى.

    ئەينى چاغدىكى كورېيە خانقىزى شەرىپىگە ئېرىشكەن قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ئىدى، چىراي جەھەتتىكى پەرقىدىن باشقا يەنە ئوقۇش تارىخى، ئىجتىمائىي كەچۈرمىشى ۋە ئەخلاقى جەھەتلەردىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. سۈرەتتىكىسى 1976-يىلدىكى كورېيە خانقىزى.

    1977-يىلدىكى كورېيە خانقىزى.

    1979-يىلدىكى كورېيە خانقىزى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسى ھەقىقىي گۈزەل قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىدى، ئۇلار تەبىئىي گۈزەللىكى، مول بىلىمى، نازاكەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى ئارقىلىق نەتىجىگە ئېرىشەتتى، ھازىرقى كورېيە خانقىزى مۇسابىقىسىدە پەقەت ھۆسن تۈزەش دوختۇرىنىڭ تېخنىكىسى سىنىلىدىغان بولۇپ قالدى. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号