باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

مايۈن تىرامپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئەلى بابانىڭ پېيى %2 ئۆستى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 16:24 0 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:  

TheStreetنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 9-يانۋار ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ما يۈن ۋە ئامېرىكىنىڭ كاندىدات زۇڭتۇڭى تىرامپ نيۇيوركتا سۆھبەتلەشكەن، 40 مىنۇتلۇق سۆھبەتتە ما يۈن كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، جۇڭگوغا مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئامېرىكىغا بىر مىليون خىزمەت ئورنى يارىتىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان.

ما يۈننىڭ بۇ قېتىمقى يۇقىرى ئۆلچەمدىكى كۆرۈشۈشى ۋە زالدا تىرامپ بىلەن چۈشكەن سۈرىتى ئەلى بابانىڭ ئامېرىكىدا كېڭىيىش ئىستىراتېگىيەسىنى قايتا نامايان قىلدى. تور سودا ئىمپېرىيەسى بولغان ئەلى بابانىڭ ئامېرىكىغا سالغان مەبلىغى ھازىرغىچە تاماشا كەسپىگە مەركەزلەشكەن. مەسىلەن، بۇلتۇر 10-ئايدا ئەلى بابا ھوللىۋودنىڭ داڭلىق رېژىسسورى ستېۋېن سىپىيلبېرگ قارمىقىدىكى كىنو شىركىتى Amblin Partnersنىڭ ئاز ساندىكى پېيىنى قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.

لېكىن ئەلى بابانىڭ جۇڭگو تور سودا بازىرىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى ئامېرىكىغا كۆچۈرۈش ناھايىتى تەس بولدى ھەم ئامازون بىلەن دۇنيا تور سودا بازىرىدىكى ھۆكۈمران ئورۇننى داۋاملىق تالىشىۋاتىدۇ. بىر مىليون خىزمەت ھەقىقەتەن كىشىنى جەلپ قىلسىمۇ، لېكىن جامائەتچىلىك ئەلى بابانىڭ زادى قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ تور سودا سۇپىسى ئارقىلىق بۇنچە كۆپ خىزمەت يارىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. ئەلى بابانىڭ ئىككى ئاساسلىق تور سودا سۇپىسى بار: تاۋباۋ ۋە تيەنماۋ. تيەنماۋنىڭ تارمىقى بولغان Tmall ئامېرىكا سودىگەرلىرىگە سېتىش بازىرى تەمىنلەيدۇ.

تەھلىلچىلەر ما يۈننىڭ ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش تىرىشچانلىقىغا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولدى، لېكىن ما يۈننىڭ يۇقىرىدىكى ئەندىزە ئارقىلىق بىر مىليون خىزمەت يارىتىش ۋەدىسىگە ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلدى.

Morningstar ئورگىنىنىڭ تەھلىلچىسى Marie Sun: «مېنىڭچە بىر ئاكتىپ ئىش شۇكى، ما يۈن مۇھىم مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ، ھازىرقى باسقۇچتا ئەلى بابا سۇپىسىنىڭ ئامېرىكىغا ياردەملىشىپ مىليون خىزمەت ئورنى يارىتىش-يارىتالماسلىقى ھەققىدە گەپنى كېسىۋېتىش تېخى بالدۇر. جەزملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىركەتلىرى جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارغا يېقىنلاشماقچى بولسا ئەلى بابا سۇپىسى ئەڭ ئۈنۈملۈك تاللاشلارنىڭ بىرى» دېدى.

Wedbush ئاكسىيەسىنىڭ تەھلىلچىسى Gil Luria: «مەن ئەلى بابانىڭ ئامېرىكىدا ساتقۇچى ئاساسى يېتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمايمەن، مېنىڭ گۇمان قىلىدىغىنىم ئەلى بابا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئامېرىكىدا غايەت زور ئەمەلىي مەبلەغ سالماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىستىراتېگىيەسىگە زىت. بىر مىليون ئامېرىكا شىركىتىنى جۇڭگودا ساتىدىغان قىلىش بىر مىليون خىزمەتتىن دېرەك بېرىشى ناتايىن» دېدى.

قانداقلا بولسۇن، كاپىتال بازىرى ما يۈن بىلەن تىرامپنىڭ كۆرۈشكەنلىكىنى يەنىلا قارشى ئالدى. ئامېرىكا پاي بازىرى 10-يانۋار تاقالغۇچە ئەلى بابانىڭ پېيى نيۇيورك ئاكسىيە سودا بىرژىسىدا %2.14 ئۆسۈپ، 96.75 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. بازار قىممىتى تەخمىنەن 4 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (33 مىليارد 400 مىليون يۈەن) ئاشتى. كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەلى بابا ما يۈن تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يىنتەي سودىسىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى شېن گوجۈن بىلەن بىرلەشمە تەكلىپ قىلغۇچى تەرەپ تەشكىللەپ، 19 مىليارد 800 مىليون شياڭگاڭ دوللىرىغا يىنتەينى قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئەلى بابانىڭ پاي باھاسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号