• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئامېرىكا «دېڭىز-ئوكياننى كونترول قىلىش» يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

    مەنبە : world.huanqiu.comتەھرىر : ئەخمەتجان مۇتەللىپ ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 13:44

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

    تەيۋەن «مەركىزىي ئاگېنتلىقى»نىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىز-ئوكيان ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاتالمىش «دېڭىز-ئوكياننى كونترول قىلىش» يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر دېڭىز-ئوكياننى كونترول قىلىش ۋەزىيىتىگە قايتقان ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كېمىلەرنى تەڭشىگەن. 

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ كېمە ئەترىتى كارىل ۋىنسون ئاۋىياماتكا جەڭگىۋار توپى 6-يانۋار غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى سانتىياگو پورتىدىن ئايرىلغان، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان يەتتىنچى ۋە ئۈچىنچى كېمە ئەترىتىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدا ئورتاق ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى بولۇپ، يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگىكەن. 

    تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە جۇڭگونىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى تېز تەرەققىياتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 2016-يىلدىن باشلاپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى «دېڭىز -ئوكياننى كونترول قىلىش» بۈيۈك ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، ئامېرىكىنىڭ «دېڭىز-ئوكياننى كونترول قىلىش» يېڭى ئىستراتېگىيەسىدە ئۇرۇش كېمىسىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشتىن باشقا، ھالقىلىق دېڭىز رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئەسلىھەلەرنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. 

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۇ يۈزى قىسمى كېمە ئەترىتىنىڭ قوماندانى توم روۋدېننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا پۈتۈن يەر شارىدىكى دېڭىز رايونىنىڭ تەخمىنەن 41 نى كونترول قلىدىكەن، ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر دېڭىز-ئوكياندىكى چوڭ دۆلەت بولۇش رىقابىتىگە ئاتلانغاچقا، ئامېرىكا چوقۇم بۇنىڭغا قارىتا ماس تەدبىر قوللىنىشى كېرەككەن. 

    توم روۋدېن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەتقىقاتى ئىلمىي ژۇرنىلىدا 1-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ:«ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى چوقۇم پۈتۈن يەر شارىدىكى دېڭىز رايونىنى كونترول قىلىپ، ھەربىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ قويۇشى كېرەك، ھەر قايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى دېڭىز-ئوكياننى كونترول قىلىش، ئامېرىكا ئىلگىرى بۇ ئۇقۇمنى ئانچە ئېنىق چۈشەنمىگەن، بىراق، بۇنىڭغا توغرا سۆز ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن دېڭىز-ئوكيانغا قايتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇۋاپىق يولىنى تاپقىلى بولىدۇ»دېگەن. 

    تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش كېمىلىرى يېقىندىن بۇيان تېز سۈرئەتتە خادىم كۆپەيتكەن، پۈتۈن قوشۇن يىراق مۇساپىلىك ۋەزىپىگە ئاتلانغان، ئۈنۈمىدىن قارىغاندىمۇ ئامېرىكىدىن تېزكەن. 

    بۇنىڭغا قارىتا توم روۋدېننىڭ دۆلەت مۇداپىيە خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش كېمىسىدە تولۇق ئىشەنچ بىلەن تۇرۇشىنى، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى مۇتلەق ئورۇندىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ:«جۇڭگونىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى مەن بىلمەيمەن، بىراق، مېنىڭچە ئۇلارمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك. بۇ ناھايىتى قىزىقارلىق، ئەمما بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا مەنمۇ بىر نېمە دېيەلمەيمەن»دېگەن. 

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئىتتىپاقى ئورگان ژۇرنىلىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، روۋدېن مۇنداق دېگەن:«جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۈچىيىشى ۋە رۇسيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنى قايتا تەشكىللىشى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئوكياندىكى ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچىلىك ھوقۇقىغا خىرىس پەيدا قىلدى، شۇڭا بىز داغدۇغا بىلەن دېڭىز-ئوكياننى قايتىدىن كونترول قىلىشىمىز لازىم»دېگەن. 

    روۋدېن:«دۇنيا ئۆزگەرمەكتە، بىزمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك»دېگەن. 


    بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى 500 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇش كېمە ئەترىتى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان تەھدىتىگە ۋە رۇسىيەنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 

    خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھازىر 274 دانە ئۇرۇش كېمىسى بولۇپ، 1984-يىلدىكى 594 دانىدىن ئوبدانلا كېمەيگەن. يېڭى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلاندا كېمىنىڭ سانىنى 355 دانىگە يەتكۈزۈشكەن. 

    تىرامپ سايلام رىقابىتى ۋاقتىدا«ئەمەلىي كۈچ بىلەن تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش»سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە 350 دانە كېمىسى بار دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش پىلانىمۇ باركەن، ئۇنىڭ باشقا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگە 60 مىڭ ئەسكەر، دېڭىز ئارمىيەسىگە 12 مىڭ ئەسكەر، ھەربىي ئايروپىلاندىن كەم دېگەندىمۇ 100 نى كۆپەيتىش پىلانى باركەن. 

    بىراق بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر تېخىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ قانداق بولۇشى ئېنىق ئەمەسكەن، بۇ تىرامپنىڭ پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ مالىيە سىياسىتى ئارقىلىق كونسېرۋاتىپلىق ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى قوللاش-قوللىماسلىقنى قولغا كەلتۈرەلىشىگە باغلىقكەن. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号