• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    دۇنيا لوڭقىسى كېڭەيتىلگەندىن كېيىنكى مۇسابىقە تەرتىپى ئېلان قىلىندى

    مەنبە : news.zhibo8.ccتەھرىر : sarkarda1 ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 13:44

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاياغلاشقان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يىغىنىدا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، 2026-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنى 48گە كېڭەيتىش لايىھەسىنى ماقۇللىدى. شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىن باشلاپ 48 كوماندا 16 كىچىك گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ھەربىر كىچىك گۇرۇپپىدا ئۈچ كوماندا بولىدىكەن، ھەربىر گۇرۇپپىدىكى ئالدىنقى ئىككى كوماندا گۇرۇپپىدىن چىقىدىكەن. گۇرۇپپىدىن چىققان 32 كوماندا تاق ئايلانما شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدىكەن، شۇنداق بولغاندا ئالدى-كەينى بولۇپ جەمئىي 80 مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىدىكەن.

    نۆۋەتتىكى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە جەمئىي 64 مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىدىغان بولۇپ، كېڭەيتىلگەندىن كېيىن جەمئىي 80 مەيدان مۇسابىقە ئويناشقا توغرا كېلىدىكەن. بىراق، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا 7 مەيدان مۇسابىقىنى تاماملايدىكەن.

    دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ سانى گەرچە 48گە كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق مۇسابىقە يەنىلا 32 كۈندە تاماملىنىدىكەن، بۇ قارار ياۋروپادىكى زەردار كۇلۇبلارنىڭ مۇسابىقە كۈن تەرتىپىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号