باش بەت

sarkarda1

744يوللانما
2مەستانە

نويېر: كىچىك ۋاقتىمدا بويۇمنىڭ پاكارلىقى سەۋەبىدىن قاپقىچى بولالمىغىلى تاس قالغان

مەنبە:جىبو 8 تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 16:25 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان گېرمانىيەلىك قاپقىچى نويىر ئۇدا تۆت يىل خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللاندى. مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كېيىن نويېر «سۆلەتۋاز بەگزادە» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

نويېر: «كىچىك ۋاقتىمدا مەن توپ تەپسەم بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سوراشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم، پەقەت دائىم مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ مۇسابىقىلەرنى ئاخىرغىچە كۆرەتتىم، ئاخىرى ئاپام يېنىمغا كېلىپ مېنىڭمۇ توپ تېپىشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقمنى سورىدى».

نويېرنىڭ خاراكتېرى ئىزچىل تارتىنچاق ھەم ئىچ مىجەز ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلار بازىسىدىكى ۋاقىتتا كەسپىي ھاياتى توغرىسىدىكى پىلانلىرىنى ناھايىتى كېيىن تۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مەن 14 ياشقا كىرگەن يىلى شالك 04 كۇلۇبىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا مېنىڭ قاپقىچى بولۇشقا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىم توغرىسىدىكى مەسىلە مۇلاھىزە قىلىندى. ئەينى ۋاقىتتا مەن بەك ۋىجىك ئىدىم، بوي ئېگىزلىكىممۇ ئاران 170 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئىدى. مەن مەشقاۋۇللارغا، ئاپامنىڭ بوي ئېگىزلىكى 174 سانتىمېتىر، دادامنىڭ بوي ئېگىزلىكى 189 سانتىمېتىر كېلىدۇ، دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەشقاۋۇللار خاتىرجەم بولۇشتى، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ بويۇمنىڭ يەنە ئۆسىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى».

نويېر ئىلگىرى تېننىس توپ تەنھەرىكەتچىسى بولغىلى تاس قالغان ئىدى. ئۇنىڭ تېننىس توپ مەشقاۋۇلى ئۇنىڭ تېننىس توپ تەنھەرىكەتچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نويېر مۇنداق دېگەن: «تېننىس توپ سىنىپىنىڭ ئوقۇش پۇلى بەك يۇقىرى ئىكەن».

بىراق تېننىس توپ مەشىقى ئۇنىڭ كېيىنكى پۇتبول ھاياتىغا نۇرغۇن ياردەم بەرگەن، ئۇنىڭ تېز سۈرئەتتە قوزغىلىش، بوشلۇقتىن پايدىلىنىش، مۇسابىقە ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ چۈشىنىش، توپنىڭ بوشلۇقتىن چۈشۈش ئورنىغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تېننىس توپ مەشىق قىلىشىدىن بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号