باش بەت

ئادىلجان

5911يوللانما
34مەستانە

سامسۇڭ Galaxy S8/Edge يانفونلىرى 4-ئايدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 15:34 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ Galaxy Note 7 يانفونى پارتلىغاندىن كېيىن سامسۇڭ كېيىنكى ئەۋلاد بايراقدار يانفونى Galaxy S8 ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلىشى شۇنداقلا يېڭى يانفونىنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر، ھەتتا بەزى خەۋەرلەردە سامسۇڭنىڭ كۆپلىگەن S8 يانفونىنى تېخىچە سىناق قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە سامسۇڭ ئەنئەنىۋى MWC مەزگىلىدىكى ئېلان قىلىش كۆزنىكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، Galaxy S8 يانفونىنى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى نيۇيوركتىكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. 

بۇ خەۋەر ئىلگىرىكى ئۇچۇرلار بىلەن بىردەك، سامسۇڭ S8گە كۆپ خىل يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشىدۇ. بىر تەرەپ  قىلغۇچقا 10nmلىق ھۈنەر-سەنئەت ئىشلىتىلگەن كۇۋالكومنىڭ سىناپدراگون 835 ياكى سامسۇڭ Exynos 8895 ئىشلىتىلىدۇ، رامكىسىز ئېكران سەپلىنىدۇ، رېئال Home كۇنۇپكىسى ئېلىۋېتىلىدۇ، ئىستىرىئولۇق ياڭراتقۇ، قوش كامېرا ۋە ئەڭ يېقى رەقەملىك ئاۋاز ياردەمچىسى Bixby سەپلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت كورېيەدىكى ئىككىنچى چوڭ ئۆزەك كارخانىسى بولغان SK Hynix يېقىندا ئەڭ يېڭى 8GBلىق كۆچمە DRAM ئۆزىكىنى ئېلان قىلدى، خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە Galaxy S8گە مۇشۇ ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىنىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号