• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جازا لاگېرى ھەشەمەتلىك ئارام ئېلىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ

    مەنبە : news.house.qq.comتەھرىر : نۇسرەتگۈل ئىنكاس : 4يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 14:37

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    سۈرەتتە، ئارالنىڭ ئۈنۈم رەسىمى. ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن قەلئەنىڭ ئەتراپىغا ۋىندىمل پالما دەرىخى تىكىلىدۇ.

    2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بۇ ئارالنى ئىتالىيە فاشىستلىرى ئىگىلىۋېلىپ، جازا لاگېرىدىن بىرنى قۇرغان. جازا لاگېرىنى ھەشەمەتلىك ئارام ئېلىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇش تەكلىپى دەسلەپتە گەرچە مۇشۇ جازا لاگېرىدا تۇرغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلۇش يەنىلا ئۆزگەرتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. سۈرەتتە، قەلئە ئىچىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ يېنىغا جايلاشتۇرۇلغان ئۈستى ئوچۇق تاماقلىنىش ئورنى.

    مۇشۇ ھەپتە جازا لاگېرىنى 4 يۇلتۇزلۇق ياكى 5 يۇلتۇزلۇق ئارام ئېلىش ئورنىغا ئۆزگەرتىش قارارى ماقۇللاندى.

    ئارالدا ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە سېلىنغان پوتەي بار.

    مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن بۇ جازا لاگېرىنى ئۆزگەرتىش پىلانى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى شىۋېتسارىيەدىكى بىر شىركەت بىلەن 49 يىللىق ئىجارە بېرىش توختامى ئىمزالاندى.

    بۇ جازا لاگېرىغا ئىلگىرى 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قامالغان.

    مامۇلا ئارىلى ئادرىياتىك دېڭىزىدىكى كوتور قولتۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان.

    ھۆكۈمەت بۇ قۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ باشتىن ئاخىر قەدىمىي ئاسار-ئەتىقىلەرنى قوغداش تەلىپىگە ماس ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

    بۇ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان شىركەتمۇ ئەسلى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، قەلئە مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى ئېكىلوگىيەلىك مۇھىت بىلەن ماسلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    بۇ قۇرۇلۇش تاماملغاندىن كېيىن، 200 ئادەمنىڭ خىزمەت ئورنى مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.




    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号