باش بەت

مەۋلۇدە

1907يوللانما
14مەستانە

رېژىسسور جاڭ يىموۋنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى بىلەن قىزىنىڭ كونا سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 16:03 0 ئىنكاس چۈشتى

جاڭ يىموۋ بىلەن ئالدىنقى ئايالى شياۋ خۇانىڭ بىر گۇرۇپپا كونا سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، 1978-يىلى جاڭ يىموۋ بىلەن شياۋ خۇا ئالىي مەكتەپتە تونۇشۇپ توي قىلغان، 1983-يىلى ئىككەيلەننىڭ قىزى جاڭ مو تۇغۇلغان.

جاڭ مو 7 ياشقا كىرگەندە جاڭ يىموۋ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن خۇا شياۋدىن ئاجرىشىپ كەتكەن.

جاڭ يىموۋنىڭ ھازىرقى ئايالى چېن تىڭ بولسا ئۇنىڭدىن 31 ياش كىچىك 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئايال، ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن 2001-يىلى، 2004-يىلى ۋە 2006-يىلى چېن تىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ بالا تۇغدى، گەرچە جاڭ يىموۋ پىلان سىرتىدا پەرزەنتلىك بولۇپ 7.4878 مىليون جەرىمانە تۆلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بەختلىك ياشىماقتا.

جاڭ مو بولسا جاڭ يىموۋنىڭ ئالدىنقى ئايالى شياۋ خۇادىن بولغان يالغۇز قىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دادىسى ئۇنى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقاردى، ئۇنىڭدىن كېيىن نيۇيورك ئالىي مەكتىپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەسپىي رېژىسسور بولدى.

2009-يىلى جاڭ مو ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ «三枪拍案惊奇» فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدا مونتاژلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، كېيىن «جىنلىڭ 13 چاچ قىسقۇچ» دا دادىسى جاڭ يىموۋغا ياردەمچى بولۇپ ئىشلىدى.

2012-يىلى 10-ئايدا جاڭ مو بىلەن چەت ئەللىك ئوغۇل دوستى توي قىلدى.

جاڭ يىموۋ بىلەن ئالدىنقى ئايالى شياۋ خۇانىڭ كونا سۈرەتلىرى.

شياۋ خۇا

شياۋ خۇا بىلەن قىزى جاڭ مو 

ھازىر جاڭ مو دادىسى جاڭ يىموۋنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号