• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يولۇچىلارنىڭ ھەرخىل ئۇخلاش قىياپەتلىرى

    مەنبە : news.house.qq.comتەھرىر : نۇسرەتگۈل ئىنكاس : 7يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 16:19

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە بىر يىل ئالدىراش ئىشلىگەن ھەر ساھە خەلق ئاممىسى يۇرتىغا قايتىش سەپىرىگە چىقىدۇ. بىراق، بۇ مەزگىلدە سەپەرگە چىقىدىغانلار سانى زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن، كىشىلەر ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېلەت سېتىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ. بېلەت سېتىش زالى، پويىز كۈتۈش زالى ۋە ۋاگونلاردا يۇرتىغا قايتىشقا ئالدىراۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. سۈرەتتە، رېشاتكا ئۈستىدە ئۇخلاۋاتقان يولۇچىلار.

    فۇجۇ پويىز ئىستانسىسىنىڭ بېلەت سېتىش زالىنىڭ سىرتىدا بىر ئەر كىشى بېلەت سېتىلىدىغان ۋاقتىنى ساقلاپ موتسىكلىتىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاپ قالغان. 

    سەھەردە، گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىنىڭ سىرتىدىكى چوڭ مەيداندا، بىر يولۇچى ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغان. بۇ يولۇچى توڭۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ يەنە ئالدىن تەييارلىۋالغان ئەدىيالنى يېپىنىۋالغان.

    كېچە سائەت 2 لەر ئەتراپىدا، خاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىدا كېچىچە تۈنەپ ئۆچىرەتتە تۇرغان يولۇچى ئورۇندۇقتا ئۇخلاپ قالغان. 

    جېڭجۇ پويىز ئىستانسىسىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدىكى قاتتىق ئۇيقۇسى كېلىپ كەتكەن بىر ئايال بالىسىنى يۈك-تاقىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئارغامچا بىلەن باغلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇيقۇغا كەتكەن.

    بۇ سۈرەت شىئەندىن گۇاڭجۇغا بارىدىغان K81-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز خۇنەن ئۆلكىسى لىنشياڭ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ياڭلوۋسى بازىرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا تارتىۋېلىنغان بولۇپ، قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن بىر يولۇچىنىڭ بېشى يەنە بىر يولۇچىنىڭ پۇتىغا تىرىلىپ قالغان.

    بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى نۆۋەتچى پويىزى كېچىككەن يولۇچىلار پويىز كۈتۈش زالىدا ئارام ئالماقتا. 

    نەنجىڭ پويىز ئىستانسىسىدا ئادەم ئاز بولغاچقا، بۇ يولۇچى ئىككى تەرەپتىكى ئورۇندۇقنى جۈپلەپ ياخشى «كارىۋات»تىن بىرنى تەييارلىۋالغان.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号