• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندا سانىنىڭ كۆپىيىش تارىخى

    مەنبە : sports.163.comتەھرىر : saparkul ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 16:23

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نۇر تورى تەرجىمىسى:

    1-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2026-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىىسگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ سانى 48گە كۆپىيىدىغانلىقىنى، كوماندىلارنىڭ 16 گۇرۇپپىغا بۆلىنىدىغانلىقىنى، ھەر بىر گۇرۇپپىدا ئۈچ كوماندىنىڭ بولىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. دۇنيا لوڭقسى تارىخىغا قارايدىغان بولساق، كوماندىلارنىڭ سانى دەسلەپكى 13 كوماندىدىن ھازىرقى 32 كوماندىغا ھەم كەلگۈسىدىكى 48 كوماندىغا كۆپىيىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ جەريانلاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى؟

    1930-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇرۇگۋايدا ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە 13 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ئاخىرىدا ساھىبخان ئۇرۇگۋاي كوماندىسى چېمپىيون بولغان. مۇسابىقىگە قاتناشقان 13 كوماندا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئوينالمىغان. 13 كوماندا 4 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ھەربىر گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. ئۇرۇگۋاي كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

    تۆت يىلدىن كېيىن ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن، 16 كوماندا قاتناشقان، ئىتالىيە كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە 16 كوماندا قاتنىشىش تۈزۈمى ئاساسەن بېكىتىلىپ ئومۇملاشقان. پەقەت 1942-يىلى ۋە 1946-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمىگەن.

    1982-يىلى دۇنيا لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم كوماندا سانى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، قاتنىشىدىغان كوماندا 16دىن 24گە كۆپەيگەن. 24 كوماندا 6 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ھەر بىر گۇرۇپپىدىن ئالدىنقى ئىككى ئورۇندىكى كوماندا گۇرۇپپىدىن چىققاندىن كېيىن، 12 كوماندا يەنە 4 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىسى تۆت كۈچلۈككە كىرگەن، ئاندىن شاللاش مۇسابىقىسى ئارقىلىق چېمپىيون كوماندا بېكىتىلگەن. 

    1986-يىلى 24 كوماندا 6 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ ئالدىنقى ئىككى كوماندىسى ۋە ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن تۆت گۇرۇپپىنىڭ ئۈچىنچىسى 16 كۈچلۈك كوماندىنى شەكىللەندۈرگەن، ئاندىن شاللاش مۇسابىقىسى ئوينىلىپ چېمپىيون كوماندا بېكىتىلگەن. 

    1998-يىلى ئىككىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندا سانى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، 32 كوماندا دۇنيا لوڭقسىغا قاتناشقان. 32 كوماندا 8 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى گۇرۇپپىدىن چىقىپ 16 كۈچلۈك كوماندىنى شەكىللەندۈرگەن، ئاندىن شاللاش مۇسابىقىسى ئارقىلىق چېمپىيون بېكىتىلگەن. بۇ خىل مۇسابىقە تۈزۈمى ھازىرغىچە داۋاملاشقان. 

    2017-يىلى 1-ئايدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمسى 2026-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا لوڭقسىغا قاتنىشىدىغان كوماندا سانىنى 48گە كۆپەيتىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. بۇنىڭدا 48 كوماندا 16 گۇرپپىغا بۆلۈنىدىكەن، ھەر بىر گۇرۇپپىدا ئۈچ كوماندا ئۆز ئارا مۇسابىقىلىشىدىكەن. گۇرۇپپىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى بولغان 32 كوماندا شاللاش مۇسابىقىسىگە قەدەم قويىدىكەن، ھەم شۇ ئارقىلىق ئاخىرقى چېمپىيون كوماندا تاللىنىپ چىقىدىكەن. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号