باش بەت

sarkarda1

744يوللانما
2مەستانە

زاھا: كوتى دى ئىۋۇئېر دۆلەت كوماندىسىنى تاللىغىنىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن

مەنبە:جىبو 8 تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 17:39 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

خىرۇستال ئوردا كوماندىسىنىڭ توپچىسى زاھا ئەينى ۋاقىتتا ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىنى تاللىماي كوتى دى ئىۋۇئېر كوماندىسى ئۈچۈن توپ تېپىشنى تاللىغان ئىدى، يېقىندا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تاللىشىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زاھا 2016-يىلى كوتى دى ئىۋۇئېر دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن توپ تېپىشنى تاللىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار شەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ئافرىقا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن چولپان زاھا كوتى دى ئىۋۇئېردا تۇغۇلۇپ، تۆت يېشىدا لوندونغا كۆچۈپ كەلگەن. 12 ياش ۋاقتىدا خىرۇستال ئوردا كوماندىسىغا قوشۇلغان ھەمدە ئىككى قېتىم ئېنگلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن كىچىكمدە ئېنگلاندقا كەلگەندىن بۇيان كوتى دى ئىۋۇئېرغا قايتىپ باقمىدىم، شۇڭا مەن ئېنگلاندتا ئوقۇشۇمنى تاماملىدىم، ئېنگلاند ياشلار كوماندىسى ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشىشىمۇ ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى، ئۆتكەن تۆت يىلدا مەن ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ھېس قىلدىم، مەن ھازىر ئاخىرقى قارارىمنى چىقاردىم، مەن كوتى دى ئىۋۇئېر كوماندىسى ئۈچۈن توپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىمنىڭ سەۋەبى ئەڭ ئالدى بىلەن مەن ئۆز دۆلىتىم ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە كوتى دى ئىۋۇئېردا نۇرغۇن تالانتلىق ياشلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ قارارغا كەلدىم، مەن بۇ قارارىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلمايمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن دۆلەت كوماندىسىدا توپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن سەپداشلىرىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن دۆلەت كوماندىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈچىنچى قېتىم ئافرىقا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ مېنىڭ قىسقا مەزگىللىك ئارزۇيۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت كوماندىسىنى 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىگە قىلىش».

كوتى دى ئىۋۇئېر كوماندىسى ئافرىقا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە C گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار دۈشەنبە كۈنى توگو جۇمھۇرىيەت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسىدا يەنە ماراكەش ۋە كونگو جۇمھۇرىيىتى كوماندىلىرى بار. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号