باش بەت

ئادىلجان

5911يوللانما
34مەستانە

چاڭجۇدا بىر ئەر ئۇدا 18 سائەت تورغا چىقىپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 17:09 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە چاڭجۇ شەھىرى قوڭغۇراق مۇنارى رايونىدىكى بىر تورخانىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، بىر ئوتتۇرا ياش ئەر تورخانىدا ئۇدا 18 سائەت تورغا چىققاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتتى! تورخانا خادىمى بۇ ئەرنى بايقىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بەدىنى ئاللىبۇرۇن قېتىپ كەتكەن، نەپسىمۇ توختاپ قالغانىدى. 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە دېلو ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. ئىگىلىنىشچە، شۇ كۈنى سەھەر سائەت بىر يېرىملار ئەتراپىدا چاڭجۇ شەھىرى قوڭغۇراق مۇنارى رايوندىكى يۇڭخۇڭ ساقچىخانىسى شۇ رايوندىكى بىر تورخانا خىزمەتچىسىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان، دېلو مەلۇماتىدا تورخانا ئىچىدە بىر ئەرنىڭ تورغا چىقىۋاتقان ۋاقىتتا پۈتۈن بەدىنى قېتىپ قېلىپ، نەپسى توختاپ قالغانلىقى ئېيتىلغان. ساقچىلار دېلونى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جىنايى ئىشلار ئەترىتى قاتارلىق تاماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشنى ئۇقتۇرغان. 

ساقچىلار نەق مەيداندا بۇ ئەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى قېتىپ كەتكەنلىكىنى، 20-نومۇرلۇق ئورۇندا ئولتۇرغانلىقىنى بايقىغان. ئارقىدىن 120 جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايقىغان. ئارقىدىن جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى يېتىپ كېلىپ، قانۇن دوختۇرىنىڭ دەسلەپكى بېكىتىشى ئارقىلىق ئۆلگۈچىنىڭ بەدىنىدە سىرتقى جاراھەت يوقلۇقى بايقالغان. 

ساقچىلار تورخانا ئىچىدىكى كۆزىتىش كامېراسىنى ئېچىپ كۆرۈپ، بۇ ئەرنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت 7 ئەتراپىدا تورخانىغا كەلگەنلىكىنى بايقىدى، بۇ ئەر تورخانىغا كىرىپ رەسمىيەت بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇدۇل كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تورغا چىققان، ئەينى ۋاقىتتا ئەرنىڭ روھىي ھالىتى ئىنتايىن نورمال، قەدەم ئېلىشى بېجىرىم بولۇپ، بۇ ئەر چۈشتە سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەن. كەچقۇرۇنلاردا تورخانا ئىچىدە نەرسە ساتقۇچىنى چاقىرغان، بۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭدا نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن. 1-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت نۆلدىن ئاشقاندا ئۇنىڭ بېشى ئارقىسىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ئورۇقدۇققا تاشلىنىپ قالغان، خۇددىي ئۇخلاۋاتقاندەك ھالەتتە تۇرغان، 9-يانۋار سەھەر سائەت 1 دىن ئاشقاندا تورخانا خادىمى ئارىلاپ يۈرۈش جەريانىدا ئۇنى بىرقانچە قېتىم چاقىرغان بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرمىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەرنىڭ نەپسىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بايقىغان. 

ساقچىلارنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار تورخانىنىڭ ھەقىقىي نام تىزىملاش سىستېمىسى ئارقىلىق بۇ ئەرنىڭ فامىلىسىنىڭ خاۋ ئىكەنلىكى، بۇ يىل 42 ياشتا ئىكەنلىكى، خۇنەنلىك بولۇپ، ئىزچىل تۈردە چاڭجۇ شەھىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلغانلىقىنى بىلگەن. تورخانا خادىمى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 1 دىن ئاشقاندا بۇ ئەرنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. 

ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئەرنىڭ تورخانىنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىكەنلىكىنى، دائىم كېلىپ تورغا چىقىدىغانلىقىنى، 8-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن تورخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ئۆز ئورنىدا ۋىدىيو كۆرگەنلىكىنى، چۈشتە تاماققا چىققانلىقىنى، ئاندىن ئىزچىل تۈردە تورخانىدىن چىقمىغانلىقىنى بايقىدى. قارىماققا ناھايىتى ساغلام كۆرۈنىدىغان بىر ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىشى ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتتى!

نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ئەرنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلاشماقتا ھەمدە بۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش ۋەقەسىنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە. ساقچىلار كەڭ شەھەر ئاممىىسنى چاغان مەزگىلىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرگەن ۋاقىتتا ئۆزىگە مۇۋاپىق چەك قويۇشىنى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. 

ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىققاندا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالىدۇ؟ ئىگىلىنىشچە، ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىققاندا نېرۋا زىيادە چارچاپ كېتىدىكەن، بۇ خىل ئەھۋال يۈرەك توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان يېتىشمەي تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدىكەن!

تورخانىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تۆلەم تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟ مۇخبىر بۇ سوئالنى ئادۋۇكاتتىن سوراپ كۆردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «ئىنتېرنېت تورغا چىقىش مۇلازىمىتى تىجارەت سورۇنىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 22-ماددىسىدا «ئىنتېرنېت تورغا چىقىش مۇلازىمىتى تىجارەت سورۇنىنىڭ تىجارەت ۋاقتى سائەت 8دىن 24 كىچە ئارىلىقتا چەكلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ دېلودا تورخانىنىڭ تىجارەت ۋاقتى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش چېكىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن. نۆۋەتتە بۇ ئەرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى تېخى بېكىتىلمىدى، بۇ ئىشنىڭ تورخانىنىڭ بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇپ تىجارەت قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىنىمۇ قويۇپ تۇرايلى، چەكتىن ئاشۇرۇپ تورغا چىقىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىتى بەكلا چوڭ، تورخانا ئەسكەرتىشكە سەل قاراپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىقىشىغا يول قويۇپ، ئەسكەرتىش، ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، توختام قانۇنىدىكى قوشۇمچە مەجبۇرىيەت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان! ئۆلگۈچى پۈتۈنلەي ھەق-تەلەپ قىلمىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىلمىشى ۋە بەدەن ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلالىسىمۇ، ئەمما ئۇ تورخانىغا كېلىپ ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىقىپ تاساددىپىي ھادىسە كۆرۈلگەنگە قەدەر تورخانا ئەھۋالنى ۋاقتىدا بايقىمىغان، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، شۇڭا تورخانىدا سەۋەبلىك بار! ئادۋۇكاتنىڭ قارىشىچە، بۇ تورخانا ئۆلگۈچىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىگە نىسبەتەن مۇناسىپ ھالدىكى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号