• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئامېرىكىدىكى بىر قىز كۈتۈلمىگەندە «قوشماق» لىرىنى بايقىدى

    مەنبە : toutiao.comتەھرىر : زۇبەيدە ئىنكاس : 11يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 16:28

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 9-يانۋار خەۋىرى، ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى 17 ياشلىق قىز سەنتانا گۇتىئېرېز (Santana Gutierrez) مال سېتىۋالغاندا تەققى-تۇرقى ئۆزى بىلەن ئوخشاش بىر قىزنى بايقاپ سۈرەتكە چۈشۈپ تورغا يوللىدى، ئۇ ھازىرغىچە 4 ئۆزى بىلەن چىرايى ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىزنىڭ سۈرىتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

    سەنتانا گۇتىئېرېز سان ديېگو شەھىرىدىكى بىر سودا سارىيىدىن مال سېتىۋالغاندا، بىر قىز كىرىپ ئۇنىڭ «بالىلارنى قۇتقۇزۇش» فوندى جەمئىيىتى ئۈچۈن ئىئانە قىلىشىنى سورىغان، نەتىجىدە سەنتانا بۇ قىزنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقىدىن ھەيران قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ تونۇشۇپ قالغان، كېيىن سەنتانا بۇ سۈرەتنى تورغا يوللىغان، نەتىجىدە تورداشلار بۇ ئىشنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغان، نۆۋەتتە بۇ سۈرەت توردا 22 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئۇلاپ تارقىتىلغان، سەنتانامۇ ئۆزىگە ئوخشايدىغان 4 قىزنىڭ سۈرىتىنى تاپشۇرىۋالغان.

    بۇ سۈرەتلەر ئىچىدە، بىر ئەللىي خولىت (Ally Holt) ئىسىملىك قىزنىڭ سەنتانا بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش قوڭۇر رەڭلىك چېچى ۋە كۆزى بولۇپ، ھەتتا كۈلۈشلىرىگىچە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق. يەنە بەزى تورداشلار ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «روك» ئىچىدىكى باش پېرسوناژ سامانزا بوسكارىنو، شۇنداقلا «دېڭىز-ئوكيان قىسمىتى» غا ئاۋاز بەرگەن 16 ياشلىق قىز ئاۋلى كراۋالخو (Auli'i Cravalho) نىمۇ سەنتانانىڭ «قوشمىقى» دەپ ئاتىدى.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号