• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    كورېيە: چاۋشيەندە 50 نەچچە كىلوگىرام پلۇتونىي بار، 10 يادرو ئوق بېشى ياسىيالايدۇ

    مەنبە : news.sina.com.cnتەھرىر : زورىگۈل ئىنكاس : 1يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 16:33

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    يەر شارى تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    كورېيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى 11-يانۋار ئېلان قىلغان «2016-يىللىق دۆلەت مۇداپىيەسى ئاق تاشلىق كىتابى»دا كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەندە يادرو ئوق بېشى ياسىغىلى بولىدىغان 50 نەچچە كىلوگىرام پلۇتونىي بار بولۇپ، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى تەرتىپسىز ئۇران ئىشلەپچىقىرىش ۋە يادرو ئوق بېشى ياساش ئىقتىدارى ھەمدە يادرو ئوق بېشىنى كىچىكلىتىش تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

    كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 11-يانۋار ئاق تاشلىق كىتابنى نەقىل قىلىشىچە، چاۋشيەن كۆپ قېتىم Yongbyonدىكى يادرو ئەسلىھەسىدە ئاجىز يېقىلغۇلۇق تاياقنى قايتا بىر تەرەپ قىلىپ، 50 كىلوگىرامدىن ئارتۇق پلۇتونىيغا ئېرىشكەن. 2008-يىللىق دۆلەت مۇداپىيەسى ئاق تاشلىق كىتابىدا چاۋشيەندە 40 كىلوگىرامدىن ئارتۇق پلۇتونىي بارلىقى مۆلچەرلەنگەن، 8 يىلدا ئون كىلوگىرام كۆپەيگەن. بىر يادرو قورالى ياساشقا 4~6 كىلوگىرام پلۇتونىي كېتىدۇ، شۇڭا چاۋشيەننىڭ تەخمىنەن 10 يادرو قورالى ياسىيالايدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

    ئاق تاشلىق كىتابتا باھا بېرىپ چاۋشيەن يادرو ماتېرىيالىغا يەنە كۆپرەك ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى تەرتىپسىز ئۇران پىلانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، دېيىلگەن. لېكىن ئاق تاشلىق كىتابتا چاۋشيەندىكى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئۇران مىقدارىنى مۆلچەرلىمىگەن. يادرو ئۇق بېشىنى كىچىكلىتىش تېخنىكىسىغا نىسبەتەن ئاق تاشلىق كىتابتا بايان قىلىنغان مەزمۇن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكىسى بىلەن ئوخشاش بولغان، پەقەت «ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن»، دەپلا بىلدۈرگەن. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号