باش بەت

ئەكبەرجان توختى

740يوللانما
2مەستانە

كاتالونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: بارسېلونا مورىنھو دەۋرىدىكى خانلىق مادىرىدنى دورىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 17:51 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمسنىڭ 2016-يىللىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، بارسېلونا كۇلۇبى ئورگان تورىدا، شاھلىق لوڭقىسغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كوماندا توپچىلىرىنىڭ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى بارسېلونا تاراتقۇسى بولغان «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» ئالدى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىدا، بارسېلونا مۇراسىمگە بېرىشى كېرەك ئىكەن، بولمىسا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمسنىڭ باھالاش مۇراسىمدا، بارسېلونا تەرەپ مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ مۇراسىمغا قاتناشقان، ئۇلار يەنە كوماندا كاپىتانى ئىنېستانىڭ مۇراسىمغا بارالمىغانلىقى توغرىسىدا ئەپۇ سورىغان ۋىدېئوسنى نەق مەيداندا قويغان.

ئىنېستا: «خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمسىنىڭ مەن ۋە سەپداشلىرىمنى قوللاپ، يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىدىن ئورۇن بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندۇق، مەن كوماندىغا ۋاكالىتەن بىزنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشالمىغانلىقىمىزدىن ئەپۇ سورايمەن، چۈنكى بىز چارشەنبە كۈنى شاھ لوڭقىسىدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئوينايمىز» دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا بارسېلونا مۇئاۋىن رەئىسى مېسترې بارسېلونانىڭ مۇراسىمغا قاتنىشالمغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ: «بارسېلونا بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمسى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس، كۇلۇب ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى قارار قىلدى، ئۇلار ياخشى ئارام ئېلىپ شاھلىق لوڭقىسدا ياخشى نەتىجە يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.

مەيلى ئىنېستانىڭ ۋىدېئوسى بولسۇن ياكى مۇئاۋىن رەئىس مېسترېنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە بولسۇن، بۇ قېتىم كاتالونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھېچقايسىسىنى ئېتىراپ قىلمىغان.

«كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» بارسېلونانى ئەيىبلەپ: «بارسېلونانىڭ بۇ قېتىمقى قارارى مورىنھو دەۋرىدىكى خانلىق مادىرىدتقا ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەمىشە مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلالمايدۇ، ھەمىشە ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيتىنى قوبۇل قىلالمىغان تەربىيە كۆرمىگەن بالىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى باشقا تەرەپكە ئىتتىرىدۇ» دېگەن.

2012-يىلىدا خانلىق مادىرىدمۇ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمسنىڭ يىللىق باھالاش مۇراسىمىغا قاتناشمىغان، ئەينى چاغدا خانلىق مادىرىدنىڭ مۇراسىمغا قاتناشماسلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا، مالاگا بىلەن بولغان مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىق قىلىش. ئەينى چاغدا بىرقسىىم كىشىلەر تەرىپىدىن، رونالدو بارسېلونانىڭ غەلبىسىنى كۆرۈشنى خالىمىغان، دەپ قارالغان. چۈنكى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل گۇئاردىئولا بولغان، «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغىمۇ مېسسى ئېرىشكەن.

كاتالونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىم بارسېلونانى ئەيىبلەپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلالمىغان دۈشمىنىنىڭ كونا يولىدا ماڭدى، ھەمدە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمسنى ھۆرمەت قىلمىدى، دەپ خەۋەر قىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号