• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مىكرو تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان توپىنى كۆرگەزمە قىلدى

    مەنبە : cnbeta.comتەھرىر : ئادىلجان ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 16:56

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    بېتا تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىقىنىڭ ئىستىراتېگىيە ئىقتىدارى ئىشخانىسى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاۋىياتسىيە سىستېمىسى قوماندانلىق مەركىزى مىكرو تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان توپىنى كۆرگەزمە قىلغان. ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى ئورۇن F/A-18 تىپلىق ئۈچ دانە دەرىجىدىن تاشقىرى سېرىق ھەرە ئۇرۇش ئايروپىلانىدا 103 دانە مىكرو تىپلىق Perdix ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى قويۇپ بەرگەن. بۇ تۈردە بىرلا ۋاقىتتا 1000 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بېرىش نىشانلانغان. 

    ئىستىراتېگىيە ئىقتىدارى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى William Roper مۇنداق دېدى:«ئۇرۇش مۇرەككەپ بولغاچقا، Perdix ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئالدىن كود تۈزۈپ قويۇلغان ماس قەدەملىك ئايروپىلان ئەمەس، ئۇلار بىر كوللېكتىپ تەشكىلات، ئۇلار خۇددىي تەبىئەت دۇنياسىدىكى توپلىشىپ ياشايدىغان جانلىقلارغا ئوخشاش تارقاقلاشتۇرۇش شەكلىدە تەدبىر بەلگىلەيدىغان بىر چوڭ مېڭىدىن ئورتاق پايدىلىنىدۇ». بۇ سەپ تۈزۈپ ئۇچقان Perdix ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى بىر ئورتاق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. 


    Roper مۇنداق دېدى:«ھەر بىر Perdix ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى يەنە بىر Perdix ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن ئالاقىلىشپ ماسلىشالايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ رەھبىرى يوق، خالىغان بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بۇ توپقا قوشۇلۇشى ۋە ئايرىلىشىغا ماسلىشالايدۇ». بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئۆتمۈشتىكى يوغان، قىممەت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇلتۇر ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ خىل رازۋېدكا قىلىدىغان ياكى دۈشمەننى قايمۇقتۇرىدىغان مىكرو تىپلق ئۇچقۇچسىز ئايروپىلاننى كۆرگەزمە قىلغان. 

    Perdixنىڭ ئۆلچەم ئۇچۇرلىرى: 

    پىرقىرىغۇچ: 2.6 ديۇم 

    گەۋدىسى: 6.5 ديۇم

    قانات ئارىلىقى: 11.8 ديۇم

    ئېغىرلىقى: 290 گىرام

    ئۇدا ئۇچۇش ۋاقتى: > 20 مىنۇت

    سائەتلىك سۈرئىتى: > 74~111 كىلومېتىر/سائەت



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号