باش بەت

ئادىلجان

7206يوللانما
77مەستانە

HTC ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا بازىرىدا Desire 650 يانفونىنى بازارغا سالىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 17:36 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

HTC بۇلتۇر 11-ئايدا ئوتتۇراھال سەپلىمىلىك يانفونى Desire 650نى ئېلان قىلغان. 2016-يىلى 2-ئايدا بۇ شىركەت يەنە ئۆلچىمى يېقىنلىشىپ كېتىدىغان Desire 630 يانفونىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭغا 5 ديۇملۇق 720p لىق ئېنىقلىقتىكى ئېكران، 2GB RAM + 16GB ROM (ئۇنىڭدىن سىرت microSD ئارقىلىق سىغىم كېڭەيتىشكە بولىدۇ)، ئالدىغا بەش مىليون پىكسىللىق كامېرا، 2200mAhلىق باتارىيە شۇنداقلا BoomSound ئاۋاز ياڭراتقۇ، ئۈچ يىل ئىلگىرى چىقىرىلغان سىناپدراگون 430 بىرتەرەپ قىلغۇچ (كۇۋالكوم ئۇنىڭ ئورنىغا ئاللىبۇرۇن 410 ،412 ،415 ،425، 427، 430، 435لارنى ئالماشتۇرغان) سەپلەنگەن. 

گەرچە بۇ شىركەت كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كەسپىدە تىركىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا تۆۋەنرەك سەپلىمىلەرنى سەپلەشتە چىڭ تۇردى. بۇلتۇر 9-ئايدا ئېلان قىلىنغان Desire 10 Lifestyleغا ئوخشاشلا كونا نۇسخىدىكى سىناپدراگون 400 ئۆزىكى سەپلەنگەن. 

يېڭى نۇسخىدىكى HTC 10 evo (يېقىندا Boltنىڭ نامىدا Sprint تەرىپىدىن ئامېرىكا بازىرىغا سېلىنىدۇ)غىمۇ بىر يىل ئىلگىرىكى سىناپدراگون 810 بىرتەرەپ قىلغۇچ (يېڭىلانغان 820 ياكى 821 ئەمەس) سەپلەندى، بۇلتۇر 9-ئايدا ئېلان چىقىرىلغان One A9sنىغۇ تىلغا ئالغىلى بولمايدۇ. 

Desire 650غا يېڭى يانفون سۈپىتىدە One A9s بىلەن ئوخشاش بولمىغان 13 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن، بىردىنبىر يېڭىلانغان تەرىپى بۇ كامېرانىڭ نۇر گەردىشى Desire 630دىن چوڭراق. 

ئەمەلىيەتتە سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى پەرقتىن سىرت Desire 650 بىر يىل ئىلگىرىكى Desire 630دىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ، شۇڭا بازاردا ئانچە قارشى ئېلىنمىدى.

شۇنداق بولسىمۇ HTC يەنىلا 2017-يىلى 2-ئايدا باشقا رايوندا (ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بازارغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى (كۆچمە دۇنيا يىغىنى/ MWC 2017نىڭ ئالدى-كەينىدە).

تور بېكەتتە كۆرسىتىلىشىچە، Desire 650غا Android 6.0 Marshmallow (تەيۋەن نۇسخىسىمۇ بۇلتۇر 8-ئايدا Android 7.0 Nougatقا يېڭىلانغان) قاچىلىنىدىكەن، گۇگول بولسا خېلى بۇرۇنلا ئاندىروئىد 7.1.1نى چىقىرىپ بولدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号