• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    نېفىت باھاسى يەنە چۈشىشى مۇمكىن

    مەنبە : oil.fx168.comتەھرىر : ئىلكان ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 17:45

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: رۇسىيە كىرىمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى Dmitry Peskov  بۈگۈن ئۇقتۇرۇش قىلىپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئىمزالىغان نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كىلىشمىگە ئاساسەن نېفىت مەھسۇلاتىنى كېمەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

      Peskov : « شۈبھىسىزكى، رۇسىيە ھازىر كىلىشمدىكى مۇھىم نۇقتىلار بويىچە مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كىلىشمىنى ئەمىلىيلەشتۈرىۋاتىدۇ ھەمدە بارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

    رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 10-يانۋار بىلدۈرىشىچە، OPEC نىڭ مەھسۇلات كېمەيتىش كىلىشىمىگە ئاساسەن رۇسىيە كۈنىگە 100 مىڭ باك نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتكەن.

    ئاۋشىن بانكىسى (ANZ) نىڭ بۈگۈن كۆرسىتىشىچە، سودىگەرلەر يەنىلا ئامېرىكىنىڭ تەمىنلىشىنىڭ ئېشىشى ھەمدە OPEC نىڭ مەھسۇلات كىمەيتىش كىلىشىمىگە ئەمەل قىلىش-قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەيكەن.

     OPEC تىكى 2-چوڭ نېفىت ئىكىسورت قىلغۇچى دۆلەت بولغان ئىراقنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2-ئايدا ئاساسلىق بىر پورتنىڭ نېفىت ئىكىسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقىرىدىكەن. بۇ ساھەدىكى زاتلار ھەمدە قوراشتۇرۇلغان پاراخوت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە OPEC نىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كىلىشىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئاللىقاچان قەدەم قويغان بولسىمۇ، لىكىن ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى پورتنىڭ نېفىت ئىكىسپورت مىقدارى يۇقىرى رىكورتنى ياراتقان.

    بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە ماتىرىياللىرى بىرلەشمىسىنىڭ 10-يانۋار بىلدۈرىشىچە، 2017-يىلى ئامېرىكىنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 110 مىڭ باك ئېشىپ،  9 مىليۇن باكقا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنگەن. 2018-يىللىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كۈنىگە 300 مىڭ باك ئېشىپ. 9 مىليۇن 300 مىڭ باكقا يىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

     ئاشىن بانكىسى بىلدۈرۈپ :«بۇ ھەپتىدە بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى سودىگەرلەر بىر ئاز جىددىيلەشكەن، نېفىت زاپىسى ھازىر 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەسىللىك سەۋىيەدە بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ ھەپتىلىك دوكىلاتتا يەنىلا نېفىت زاپىسىنىڭ ئاشقانلىقى كۆرسىتىلسە، نېفىت باھاسى يەنىمۇ بىر  قەدەم  چۈشىشى مۇمكىن.'

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا  قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

      ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى




    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号