باش بەت

ئادىلجان

7206يوللانما
77مەستانە

سامسۇڭ بىر گەۋدىلەشكەن «غەلىتە» ئۇقۇم كومپيۇتېرى ئېلان قىلدى

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 18:47 0 ئىنكاس چۈشتى

technode تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قارىغاندا سامسۇڭ PC كەسپىدىن ئازراقمۇ ۋاز كەچمىگەندەك قىلىدۇ. ئىلگىرى تاراتقۇلار سامسۇڭنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنى لىيەنشىياڭغا سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. سامسۇڭ ھازىر بىر بىر گەۋدىلەشكەن كومپيۇتېرنى ئېلان قىلدى. بۇ كومپيۇتېرغا گۈزەل-سەنئەت ئامىللىرى قوشۇلغان، ئەمما ئېلان قىلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلاش ئاشكارىلانمىدى. 

بۇ بىر گەۋە كومپيۇتېرغا 24 دىيۇملۇق 1080Pلىق چەكمە ئېكران سەپلەنگەن، ئېكراننىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشەشكە بولىدۇ، بۇلۇڭىنىمۇ تەڭشەشكە بولىدۇ. بۇ كومپيۇتېرغا 2.4GHzلىق Intel Core i5-7400T(35W) بىرتەرەپ قىلغۇچ، 8GB ياكى 16GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 1TBلىق 5400RPMلىق قاتتىق دىسكا سەپلەنگەن. سامسۇڭنىڭ كۆرسىتىشىچە بۇ كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى ۋە قاتتىق دىسكىسىنى خالىغانچە چوڭايتىشقا بولىدىكەن. 

ئېكراننىڭ ئاستىدا بىر سىزىقسىمان ياڭراتقۇ بار، ئىچىگە ئىككى دانە 10Wلىق ئىستىرىئولۇق كاناي ئورنىتىلغان، ئاۋاز ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. سامسۇڭ يەنە بىر تولۇق رازمېرلىق سىمسىز كۇنۇپكا تاختىسى چىقاردى. بۇ كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ كۇنۇبكىلىرى يايسىمان قىلىپ لايىھەلەنگەن، يەنە بىر سىمسىز مائۇسمۇ بار. ئېكراننىڭ ئۈستىدە ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر تور كامېراسى بار بولۇپ، Windows Hello ئارقىلىق چىراي پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بارلىق چېتىلغۇ ئېغىزى ئارقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، مەسىلەن كۆپلىگەن USB 3.0 ئېغىزى، HDMI كىرگۈزۈش-چىقىرىش ئېغىزى، گىگابايتلىق ئىنتېرنېت تورى ئېغىزى ۋە SD كارتا ئېغىزى قاتارلىقلار. 

ئۇنىڭدىن سىرت سامسۇڭ يەنە بىر SideSync ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىسىنى ياساپ چىقتى، بۇ ئارقىلىق يۇقىرى كومپيۇتېر بىلەن ئەقلىيفون ۋە تاختا كومپيۇتېرلارنى ماس قەدەملىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ مەھسۇلات مىكروسوفتنىڭ Surface Studio ۋە دېلنىڭ XPS 27 بىلەن رىقابەتلىشىدىغان مەھسۇلات بولۇپ قالىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号