• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    iPhoneنىڭ 10 يىللىق ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئون تارىخىي پەيتكە نەزەر

    مەنبە : tech.qq.comتەھرىر : tilmach01 ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 18:42

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    2007-يىلى 9-يانۋار ئالما تۇنجى iPhoneنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ پۈتۈن چەكمە يۈزلۈك ئېكرانى، ئاددى لايىھەسى بازارغا سېلىنىش بىلەنلا شۇ ۋاقىتتىكى ساھە باشلامچىسى قارا بۆلجۈرگەندىن ئالاھىدە پەرقلىق خارەكتېرىنى نامايەن قىلدى. 

    10 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر نۇسخا iPhoneنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇشۇ ساھەنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلار ئەقلىيفوننى قايتىدىن شەرھىلەپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئادىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. 

    تۇنجى iPhone ئېلان قىلىنغىنىغا 10 يىل بولغان پەيتتە «بۈگۈنكى ئامېرىكا» تاراتقۇسى، ئالما بايراقدار يانفونىنىڭ بۇ 10 يىلدىكى ئەڭ مۇھىم 10 تارىخىي دەقىقىسىنى خۇلاسىلەپ چىقتى.


    جوبىسنىڭ تۇنجى iPhone نى تونۇشتۇرۇشى

    2007-يىلى بىر قېتىملىق MacWorld مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جوبىس پۈتۈن دۇنياغا iPhone 3Gنى تونۇشتۇردى. ئۇ بۇ يانفوننى لايىھىلەش ئىلھامىنىڭ كومپيۇتېردىن كەلگەنلىكىنى، ئېكرانىنىڭ خىلمۇخىل ئىشلەتكۈچىلەر يۈزىنى كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى، چېكىش نۇقتسنىڭ مائۇس بىلەن ئوخشاشلىقىنى، مانا بۇنىڭ بۇ يانفوندا كۇنۇپكا تاختىسى يوق بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. جوبىس يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان چەكمە قەلەم ئىشلىتىش ئادىتىنى ئۆزگەرىتتى.

    2007-يىلى 9-يانۋار ئۇ دۇنيا خەلقىگە تۇنجى iPhoneنى تونۇشتۇردى، 2007-يىلى ئىيۇندا ئىچكى ساقلىغۇچى 4GBلىق iPhoneنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش باھاسى 499 دوللار، 8GBلىقنىڭ باھاسى 599 دوللار بولغان ئىدى. سېتىلىشقا باشلاپ ئىككى ئايدىلا ئالما شىركىتى بىر مىليون دانە يانفوننى غەلبىلىك سېتىپ چىقاردى. 


    ئالما App Store نى ئوتتۇرىغا چىقاردى

    App Store ئالما ئابونتلىرىنى تۈگىمەس ئەپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالما تۇنجى iPhone 3Gنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىلەر 3-تەرەپ ئەپلىرىنى چۈشۈرەلەيدىغان App Storeنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەپ دۇكىنىنىڭ ئېلان قىلىنىشى پىروگراممېرلارنى ئەپ ئېلان قىلىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ قالماستىن، ئالما مەستانىلىرىنىڭ يانفون تۇرمۇشىنى بېيىتتى. App Store ئېچىلىپ تۇنجى ھەپتىسىدىلا ئون مىليون قېتىم چۈشۈرۈلدى. بۇلتۇر App Storeنىڭ چۈشۈرۈش مىقدارى 130 مىليارد قېتىمدىن ئاشتى. 


    ئاندرويىدنىڭ بارلىققا كېلىشى

    پۈتۈن چەكمە ئېكران ۋە App Storeنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن قارا بۆلجۈرگەن قاتارلىق يانفونلارنىڭ بازاردىكى رىقابەت ئۈستۈنلۈكى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن گۇگول شىركىتى ئۆزىنىڭ ئەقلىيفون مەشغۇلات سىستېمىسى ئاندرويىدنى ياساشنى (تېخىمۇ توغرىسى، قايتىدىن ياساشنى) قارار قىلدى. 2008-يىلى سېنتەبىردە گۇگول بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن HTC، موتورولا، سامسۇڭ قاتارلىق يانفونلار بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. IDCنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا ئاندرويىد نۆۋەتتە iOSنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئەقلىيفون ساھەسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %98تىن ئاشىدۇ. 


    ئانتېننا ۋەقەسى

    جوبىس «ئانتېننا ۋەقەسى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان زاپچاسنى چۈشەندۈردى. 2010-يىلى iPhone 4 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر بۇ يانفوننى ئىشلەتكەندە قول بىلەن يانفوننىڭ مېتال رامكىسىنىڭ بىر قىسمىنى توسىۋالغاندا سىگنالنىڭ ئاجىزلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئارقىدىن ئالما شىركىتى «ئانتېننا ۋەقەسى»نىڭ لايىھەدىكى كەمچىلىك ئىكەنلىكىگە ئىقرار بولدى ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفوننىڭ سول تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىنى تۇتىۋالماسلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئالمىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتى، ئىشلەتكۈچىلەرنى ھەقسىز يانفون قېپى بىلەن تەمىنلەش ۋە بىخەتەر مال قايتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش بولدى. 

    جوبىس 2010-يىلى بۇ مەسىلىگە قارىتا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا: «بەلكىم بارلىق كىشىلەر بىزنى نۇقسانسىز، دەپ قالغان چېغى... بىراق بىز نۇقسانسىز ئەمەس، شۇنداقتىمۇ بىز تېز سۈرئەتتە مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقتۇق» دېدى. 


    تېلىگراف شىركىتى Verizon ئالمىنىڭ سېپىگە قوشۇلدى

    ئامېرىكىدا iPhone دۇنياغا كەلگەن دەسلەپكى ئۈچ يىلدا ئالما تەرەپ پەقەت AT&T تېلىگراف شىركىتى بىلەنلا ھەمكارلاشقان بولۇپ، 4-يىلىغا كەلگەندە ئالما ئاخىرى Verizon تېلىگراف شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، AT&T تېلىگراف شىركىتىنىڭ يالغۇز ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى. شۇ يىلى iPhone 4 يانفونى Sprint تورىدا سېتىلدى، 2013-يىلىغا كەلگەندە iPhone ئاخىرى T-Mobile بىلەن ھەمكارلاشتى.


    Siri تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى


     ئامازوننىڭ Alexa ۋە گۇگول ياردەمچىسىدىن ئاۋۋال 2011-يىلى ئالما شىركىتى iPhone 4Sتا رەقەملىك ئاۋازلىق ياردەمچىسىنى يانفونغا ئورناتقان بولۇپ، Siri بولسا ئاددى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇنى گۇگول خەرىتىسىگە ئوخشاش 3-تەرەپ ئەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 


    سېنتەبىرلىك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى

    ئالمىنى بىلىدىغانلارغا مەلۇمكى، ھەر يىلى سېنتەبىردە ئالمىنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى توغرۇلۇق گەپ بولۇشقا باشلايدۇ، بۇ ئەنئەنە iPhone 5ۋە 5Cدىن باشلانغان بولۇپ، يىغىندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئالما يېڭى يانفونىنى سېتىشقا باشلايدۇ.


    سامسۇڭ Galaxy يۈرۈشلۈك يانفونلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى

    ئالمىنىڭ يۇمشاق دېتال جەھەتتىكى رىقابەتچىسى دەل گۇگول شىركىتى. ئەمما سامسۇڭ Galaxy يانفونلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئالما قاتتىق دېتال جەھەتتىمۇ رىقابەتچىگە يولۇققانلىقىنى ھېس قىلدى. سامسۇڭنىڭ يانفونلىرى چوڭ ئېكرانلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئالمىنىڭ قىممەت باھالىق يانفون بازىرىدىكى ئورنىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. 


    چەكمە ئېكراننىڭ چوڭايتىلىشى


    iPhone 5s, iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plusلارنىڭ دەۋرىدە ئالمىنىڭ رىقابەتچىلىرى توختىماي چوڭ ئېكرانلىق يانفونلارنى بازارغا سالغانلىقتىن، مودىغا ماسلىشىش ئۈچۈن iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plusتەك چوڭ ئېكرانلىق يانفونلار بازارغا سېلىندى. بۇ چاغدا ئالما يانفونلىرىنىڭ ئېكرانى ئەسلىدىكى تۆت ئىنگىلىز سۇڭىدىن iPhone 6 4.7 ئىنگىلىز سۇڭىغا، iPhone 6 Plus بولسا 5.5 ئىنگىلىز سۇڭىغا چوڭايتىلدى. 


    ئالما FBIنىڭ قۇلۇپنى ئېچىش تەلىپىنى رەت قىلدى

    2015-يىلى 2-دېكابىر كالىفورنىيە شىتاتى بېنادىنو رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمى سەئىد فارۇخ بىر قېتىملىق بايراملىق يىغىلىشتا ئايالى بىلەن 14 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. ئامېرىكا فېدېراتىسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) فارۇخنىڭ iPhone 5C يانفونىنىڭ مەخپى نومۇرىنى بىلمىگەنلىكتىن، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالما شىركىتىدىن ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئالما ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 3-تەرەپ خاككېرلىرىنى قۇلۇپنى ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى، ھازىرغىچە قۇلۇپنىڭ قانداق ئېچىلغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق خەۋەر يوق. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号