• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    دوستلۇق گۇرۇھىنىڭ ئىككى كوزۇر مەھسۇلاتى يەرمەنكىدە ئالقىشقا ئېرىشتى

    مەنبە : nur.cnتەھرىر : نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن ئىنكاس : 3يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 19:32

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن خەۋىرى :

    2017-يىلى 7-يانۋار 5-نۆۋەتلىك كارۋانلار يەرمەنكىسى دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا غەلىبىلىك ئېچىلدى.

    بۇ قېتىملىق يەرمەنكىگە شىنجاڭ مارالبېشى دوستلۇق گوروھىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ كوزۇر مەھسۇلاتلىرىدىن كايسىلى ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتى بىلەن ھەرە يىلىمى مالىنا كۆز ساغلاملاشتۇرۇش چاپلىقىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرغان بولۇپ، يەرمەنكىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

    دوستلۇق گوروھى يېقىندا بېيجىڭ تۇڭرىنتاڭ دورىگەرلىكى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ھەرە يىلىمى مالىنا كۆز ساغلاملاشتۇرۇش چاپلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىپ دىيارىمىزدىكى كۆز كېسەللىك بىمارلىرى ئۈچۈن ئۈنۈمى يۇقىرى، باھاسى مۇۋاپىق يەنە بىر داڭلىق ماركىنى تونۇتتى.

    شىنجاڭ مارالبېشى دوستلۇق گوروھى 1991-يىلى قۇرۇلغان يەككە ئىگىلىكتىكى داۋالاش ئاپپاراتىدىن تەرەققىي قىلىپ مەبلەغ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىقتىساسلىقلار قۇرۇلمىسى جەھەتتە مۇكەممەللەشكەن، 21 مىڭ كىۋادىرات كۆلەمدىكى ئىشخانا بىناسى ھەمدە 462 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىگە ئىگە كۆلەملەشكەن گوروھ بولۇپ شەكىللەندى. «دوستلۇق» گوروھى بايرىقى ئاستىدا تۆت تولۇق ھوقۇق مەبلەغلىك شىركەت، تۆت دوختۇرخانا، بىر زەنجىرسىمان دورا سېتىش كارخانىسى،  بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ۋە خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتى، بىر بىئو-پەن تېخنىكا دورا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى، بىر يېشىل زىيانسىز يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېببىي داۋالاش، ساقلىقنى-ساقلاش، بىيو قۇرۇلۇشى، ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسى، كۈندىلىك ئېلىكتىرون تور سودىسى، ماددىي-ئەشيا ئوبروتى، ئۆي-مۈلۈك مەبلەغ سېلىش ئېچىش ۋە سېتىش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-تەربىيلەش، ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بېرىش، زىيانسىز يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ساھاگە قەدەم قويۇپ، كارخانا ئېكولوگىيىلىك كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماس قەدەملىك دەستىلىنىشىنى تاماملاپ «دوسىتلۇق» ماركىسىنىڭ يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ مۇنەۋۋەرلىكتىن يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلىشىگە مۇستەھكەم ئۇل بەرپا قىلدى. دوستلۇق بىيو-پەن تېخنىكا شىركىتى دوستلۇق گوروھىنىڭ تارمىقىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 2016-يىل يىل بېشىدا تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلغان كايسىلى ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى. كايسىلى ماركىسىدىكى ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتى ئۈنۈمىنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئاشقانلىقى بىلەن دىيارىمىزدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى. يېقىندا يەنە بېيجىڭ تۇڭرىنتاڭ دورىگەرلىكى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ھەرە يىلىمى مالىنا كۆز ساغلاملاشتۇرۇش چاپلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىپ دىيارىمىزدىكى كۆز كېسەللىك بىمارلىرى ئۈچۈن ئۈنۈمى يۇقىرى، باھاسى مۇۋاپىق يەنە بىر داڭلىق ماركىنى تونۇتتى.




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号